مۇخبىرىمىز ليۇ ياڭ خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلى دەريا ۋادىسى «ئۈچ تومۇز» مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چاپچال ناھىيەسىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى 39℃قا چىقىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئاھالىلەر ئىسسىقتىن مۇۋاپىق دالدىلىنىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ يىلىقى «ئۈچ تومۇز» ئۇدا 40 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى باش تومۇز، 27-كۈنى تومۇزنىڭ ئىككىنچى ئون كۈنى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخىرقى تومۇز كىرىدىكەن. ئادەتتە، «ئۈچ تومۇز»نىڭ تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇش، ھاۋا بېسىمى تۆۋەن بولۇش، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، شامالنىڭ تېزلىكى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
ئىلى ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئىسسىق ھاۋا قاپلايدىغان بولۇپ، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئۇدا 4 كۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆپىيىدىكەن. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزدە، چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃39قا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ℃ 38قا، غۇلجا شەھىرى، قورغاس شەھىرىنىڭ℃ 37قا چىقىدىكەن.