تورىمىز خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى كەڭ كەتكەن ئاپتاپپەرەسلىكتە ئاپتاپپەرەسلەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، سېرىق دېڭىز كەبى مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. تومۇز ياز ئايلىرىدا، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى تۇڭشىڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاپتاپپەرەسلەر قۇياشقا بېقىپ، مەيىن شامالدا لەرزان ئىغاڭشىپ، ئۇستاتلىق بىلەن سىزىلغان ماي بوياق رەسىم كەبى جىلۋە قىلىپ، زور بىر تۈركۈم فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى گۈزەل مەنزىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئورقۇ رايونى بۇلتۇر تۇڭشىڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 3000 مودىن ئارتۇق كۆلەمدە ئاپتاپپەرەس ئۆستۈرگەن. بۇلتۇرقىغا ئوخشاش، بۇ يىل ئاپتاپپەرەس گۈللىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 7-ئايدىن دۆلەت بايرىمىغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ھۈپپىدە ئېچىلغان ئاپتاپپەرەسلەر ئۆزىنىڭ گۈزەل ھۆسنى بىلەن ئۆزىنى تاماشا قىلغىلى كەلگەنلەرنى كۈتۈپ، ھەر بىرەيلەيننى تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ قاراشقا چاقىرماقتا.