تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەيدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ئەۋزەل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاق چاچلىقلارنى قوللاپ لېكسىيە سۆزلىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، جەمئىيەتتىن ئاشكارا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پېنسىيە چىققان مەكتەپ مۇدىرى، تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، مۇنەۋۋەر پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

   «لايىھە» گە ئاساسەن، ئېلىمىز 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە لېكسىيە سۆزلەيدىغان 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى تەشكىللەيدىكەن، ئەسلى ئورۇن قايتا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى «ئاق چاچلىقلارنى قوللاپ لېكسىيە سۆزلىتىش پىلانى»غا كىرگۈزۈلمەيدىكەن. لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى پرىنسىپ جەھەتتە 1 ئوقۇش مەۋسۇمىدىن كەم بولسا بولمايدىكەن، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىنى ئۇدا لېكسىيە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرىلىدىكەن.

   «لايىھە» دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكى بويىچە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، ياردەم بېرىدىغان مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەرس ئاڭلاش، دەرس باھالاش ئېلىپ بارسا، ئوچۇق دەرس، مۇھاكىمە دەرسى ۋە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش تەسىس قىلسا بولىدىكەن، ياش ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە  ئوقۇتۇش-تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

   «لايىھە» دە، تۇنجى تۈركۈم لېكسىيە سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 2018-يىلى كۈزدە نەقلىشىشى تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى