تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىز خىزمەت–ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 19–كۈنى، گوۋۇيۈەن 4–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلىۋېزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 4–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىنكى دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى تۇنجى قېتىملىق مۇھىم تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹دۆلەت ئاساسى›› ۋە دۆلەت كۈچىنى ئېنىقلاشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشقا پايدىلىق. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئومۇملۇق ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى؛ جايلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئورۇنلار ئېنىق تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىستاتىستىكىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 4–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 31–كۈنى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكىتلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2–، 3–كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى