جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرىنىڭ يوڭشيۇۋ ناھىيەسى ۋۇچېڭ بازىرىدا 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان پوياڭ كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ مەنزىرىسى.
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: تومۇز ياز پەسلىدە، پوياڭ كۆلى سۇلۇق يېرىدە ياپيېشىل سۇ ئوتلىرى، ئەگرى-بۈگرى دەريالار، شەپەق نۇرى ئاستىدا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىگە كىرىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولغان پوياڭ كۆلى سۇلۇق يېرى خەلقئارادىكى ئەڭ بۇرۇنقى مۇھىم سۇلۇق يەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 7 جاينىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جاينىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى مول بولۇپ، ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل. (فۇ جيەنبىن فوتوسى)