تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىجيې سىناق رايونى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

  شى جىنپىڭ بىجيې سىناق رايونى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئۈلگە رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

   ۋاڭ ياڭ بىرلىك سەپنىڭ بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۈيياڭ، 7–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بىجيې سىناق رايونى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچەپ قوللىشىدا، كەڭ كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بىجيې سىناق رايونىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى جانلىق تىپقا ئايلاندى. بۇ جەرياندا، بىرلىك سەپ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر 2020–يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۈچ يىلمۇ قالمىدى، بىز چوقۇم جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، دەل جايىدا بولۇشنى كۆزلەپ، بىجيې سىناق رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئالدىن پىلانلاپ، 2020–يىلىدىن كېيىنكى يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تۈزۈلمە–مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئۈلگە رايونىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىرلىك سەپ پارتىيە رەھبەرلىكىدە بىجيې سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

   7–ئاينىڭ 19–كۈنى، بىرلىك سەپنىڭ بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش سۆھبەت يىغىنى گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 30 يىلدىن بۇيان، بىرلىك سەپ ئەزالىرى بىجيې سىناق رايونىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىدى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش شەكلىنى بېيىتتى، جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

   ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىناق رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىناق رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچەپ ياردەم بېرىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئۈلگە رايونغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. بىجيې سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشتىكى قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاش كېرەك.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى ۋە گۈيجوۋ ئۆلكىلىك، بىجيې شەھەرلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

   مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى، بىجيې شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.