تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو–كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇنسېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7–ئاينىڭ 19–كۈنى كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سىخامونى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

   شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن–ئاخىر ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئورنىتىلغان جۇڭگو–كامبودژا دوستانە مۇناسىۋىتى يىللارنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ گۈللەندى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، يېڭى دەۋر شارائىتىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، سىز بىلەن ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشتۇق، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو–كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژاغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   سىخامونى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. كامبودژا بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ئىككى تەرەپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىپ، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىدى، ھەم ئۆز رايونىنىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. يەر شارىدىكى 2–چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو پۈتكۈل يەر شارىدا كۈنسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كامبودژانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزمەكتە.

   شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1–ئايدا مەن جانابلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كامبودژادا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. خۇن سېن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ كامبودژاغا مەبلەغ سالغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ۋە ئەڭ چوڭ ساياھەتچى مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.