تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاي كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا ئىككى قېتىم نومۇرلۇق كەلكۈن، جيالىڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، فۇجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، توجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر كەلكۈن، دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدا ئېغىر كەلكۈن، خۇاڭخې دەرياسىدا بىر قېتىم نومۇرلۇق كەلكۈن كېلىپ، قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدىكى كەلكۈن ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يىل 7–ئاينىڭ 18–كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزدىكى 27 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، 20 مىليون 530 مىڭ كىشى، 1 مىليون 759 مىڭ گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئاپەت تۈپەيلىدىن 54 كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يوقاپ كەتتى، 23 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 51 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى كەلكۈن ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى، يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، سىچۈەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن دەريا ئېقىنلىرىدا سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، بەزى جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر بولدى، بەزى جايلاردا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، تالاپەت ۋە مال–مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، ئالاقىدار رايونلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لايىھە، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھاۋارايى، كەلكۈن، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق يوشۇرۇن ئاپەت رايونلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش–باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈپ، پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇھاپىزەت قىلىش، كەلكۈندە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىشىلەرنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش–باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئالدىنقى سېپىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.
       

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.