تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپ ناھىيەسى يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق كىچىك كىلىماتىنى ياخشىلىدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ يەن خەۋەر قىلىدۇ: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان لوپ ناھىيەسىدە ھازىر ئىھاتە ئورمان بارغانسېرى قويۇقلاشتى، باغ–ئورمانچىلىق ياخشى تەرەققىي قىلىپ، قۇم–بوران ئازىيىپ، ھۆل–يېغىن مىقدارى ئېشىپ، ياۋايى ھايۋانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بۇ ناھىيەنىڭ 100 مىڭ مولۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىل ئېكولوگىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى ئۈلگە باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى بەدىلىگە كەلگەن، بۇ يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىياتىدىكى يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتمەكتە.

   شىنجاڭ خوتەن دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ لوپ ناھىيەلىك كەسىپلەر رايونىدىكى كەڭرى كەتكەن چىلانزارلىقتا قىزىرىپ پىشقان چىلانلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۈلگە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى خۇ بېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەردە قۇشلارنىڭ سايرىشىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى، ھازىر ياۋا توشقان، ياۋا توڭگۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە تۈرلۈك قۇشلارنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ يەرنىڭ كىلىماتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

   ئۈلگە رايونىدىكى 74 مىڭ 300 مو چىلانلىق، كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان ئىھاتە ئورمان قۇمنى توسۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىق، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. دول يېزىسىنىڭ تولغاش كەنتىدىكى نۇرمەمەت باۋۇدۇن مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمىزغا بەش يىل بولدى، دەسلەپ كەلگەندە، ھەمىشە بوران چىقىپ، قۇلاقلىرىمىز قۇمغا توشۇپ كېتەتتى، ھازىر قۇم – بوران ئازايدى، خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىمىزمۇ ياخشىلاندى، ئىككىمىز ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز، كۈنىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

   لوپ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئون يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى بەدىلىگە كەلگەن. مۇخبىرنىڭ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ ناھىيە سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خاس ئەۋزەللىكنى قېزىپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆزگىچە كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە بەرپا قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ‹‹قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيەلىك يېشىل قۇرۇلۇشى›› تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ ناھىيە بىر تەرەپتىن، ‹‹ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بوستانلىقتىكى ئېتىز–ئېرىق ئورمان تورى، بوستانلىق سىرتىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇش چوڭ ئورمان بەلبېغى، تەبىئىي چۆل ئورمىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئىستېرېئولۇق يېشىل توساقنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، كۈن نۇرى بايلىقى يېتەرلىك بولۇش، باغ–ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹يېشىللىق، ئۆزگىچىلىك، كۆلەم، كۇرسلىق مەھسۇلات›› بەرپا قىلىپ، باغ–ئورمانچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن.

   ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى فېيجيەن مۇنداق دېدى: بىز ئېكولوگىيەسى بىر قەدەر ئاجىز، ئاپەت كۆپ بولىدىغان رايونلاردا تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، قىسمەن رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىش ۋەزىيىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتتۇق.        

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى