تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 56 سى شىنجاڭغا قاتنىدى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى 56گە، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچى  40 مىڭ 484 ئادەم (قېتىم) غا يەتتى.

    مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «شېنجېن-شىنجاڭ»، «بېيجىڭ-خوتەن»، «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي»، «جىلىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى بويىچە ساياھەت مەخسۇس پويىزى»، «شېئىرىي تۈستىكى جېجياڭ-ئاقسۇ» ناملىق كۆپ ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا قاتناپ، شىنجاڭنى پويىزدا ساياھەت قىلىش سەھىپىسىنى ئاچقان.

    نۆۋەتتە، ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭغا كۆپلەپ قاتناۋاتقان بولۇپ، بۇ پويىزلارنىڭ 10-ئايغىچە قاتنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. «شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىش» 2015-يىلى باشلانغان، شۇ يىلى شىنجاڭغا 102ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىغان، 2016-يىلى 153ى، 2017-يىلى 176سى قاتنىغان.

    «شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىش» نىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنى پويىزدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىدىكى يېڭى ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقى قوزغاپ، بۇ يىلقى شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇردى.

    ئۆز نۆۋىتىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ يىل كۆلەملەشتۈرۈپ، پىلانلىق يولغا قويغان شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش، سىرلىق ئاتەش يۇرتى، «دۈنخۇاڭدا كۆرۈشەيلى» ساياھەت پويىزلىرى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆمۈريول ساياھەت تورى بەرپا قىلىپ، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشتىكى ساياھەتنى داۋاملىق راۋانلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى قانغۇچە ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى