تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەتتە تۈر كۆپەيتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لائۇسان، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەتتە مۇسابىقە تۈرى كۆپەيتىلدى، ۋاقتى كەلگەندە 109 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەر-ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نىسبىتى تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلىنىدۇ.

  شۇ كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ لائۇساندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئائىت لايىھەلەر ماقۇللاندى.

  پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئومۇمىي سانى 41 ئادەم ئاز بولۇپ، جەمئىي 2892 ماھىر قاتنىشىدۇ. ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش مۇسابىقىنىڭ چوڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پۈتكۈل تەنھەرىكەتچىلەر سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %45.44 بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىكەن؛ ئايال تەنھەرىكەتچىلەر 46 كىچىك تۈرگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكىدىن كۆپ ئىكەن. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەر-ئايال تەنھەرىكەتچىلەر نىسبىتى تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلەنگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا شۇ كۈنى يەنە 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە كۈنتەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ماقۇللاندى ھەمدە 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى