تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

تېكەس ناھىيەسىدىكى ئادەم بەدىنىگە ئوخشايدىغان يايلاق

   تورىمىز خەۋىرى: مۇخبىر تومۇز ئىسسىق يالقۇنجاپ تۇرغان 7-ئايدا غۇلجىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل دىياردا زىيارەتتە بولۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن مەستخۇش بولدى. تېكەس ناھىيەسى قاراجۈن يايلىقىدا تاغ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، باغرى كەڭ يايلاق «سېرىق گىلەم» سېلىنغاندەك گۈزەل تۈسكە كىردى. يايلاقتىكى يورۇق-خىرە نۇرلار ئىچىدە ئادەم بەدىنىگە ئوخشايدىغان يايلاق ئەگرى-بۈگرى گۈزەل سىياقى بىلەن كىشىنى لال قىلدى. قاراجۈن يايلىقىنىڭ غەربىي قىسمى بىر پارچە «نەپىس»، ئەگرى-بۈگرى يايلاق بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئادەم بەدىنىگە ئوخشايدىغان يايلاق دەپ ئاتىۋالغان. ئۆزگىچە ئەگرى-بۈگرە يايلاق، يورۇق-خىرە نۇرلار ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھى بولۇپلا قالماي، يەنە فوتوگرافلارنىڭ ياخشى سۈرەتكە ئېلىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى