تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو نېپالغا شالغۇت كۆممىقوناق تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى

    خەلق تورى خەۋىرى. نېپالنىڭ شالغۇت كۆممىقوناق تېرىش ئۇنىۋېرسال تېخنىكا تەربىيلەش سىنىپى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى نېپالنىڭ پايتەختىدە رەسمىي ئېچىلدى، جۇڭگو-نېپال ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى، نېپاللىق ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار سىنىپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

     2015-يىلى 4-ئايدا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىمزالىغان ھۆججەت ئالماشتۇرۇشتا، جۇڭگو نېپالغا دېھقانچىلىق تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى بويىچە ياردەم بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە شالغۇت شال، كۆممىقوناق سورتىنى سىناق قىلىش ھەمدە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش شۇنداقلا بۇنىڭغا ئالاقىدار تېخنىكىلىق تەربىيلەش مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان.

   تەربىيلەش سىنىپىنى يۈەنلۇڭپىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (لۇڭپىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىسى) بىلەن نېپال يېزا ئىگىلىك ۋە زېمىن باشقۇرۇش ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، مۆھلىتى 46 كۈن، 35 ئوقۇغۇچىسى بار. ئىگىلىنىشىچە، نەزەرىيە دەرىسىدىن باشقا، جۇڭگودىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر يەنە نېپالدىكى كەسىپداشلار بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى كۆممىقوناق تېرىيدىغان ئېتىزغا ئېلىپ كېلىپ ئەمەلىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ۋە دەرس ئۆتكەن.

   نېپال يېزا ئىگىلىك ۋە يەر باشقۇرۇش ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ كاتىپى (دائىمىي مۇئاۋىن مىنىستىرى) بۇك مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: نېپال ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇسنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى ئىزچىل زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ، بىراق گۈرۈچ بىلەن كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىز ئىزدا توختاپ قالغان، بۇ قېتىمقى تەربىيلەشنىڭ نېپالغا ياردەم بېرىپ جۇڭگو تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، كۆممىقوناقنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى پەسەيتىش، ئاشلىق كىرزىسىدىن ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   دۆلەت كۆممىقوناق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈر ماسلاشتۇرغۇچىسى سۇجاتا كوئىرالانىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، كۆممىقوناق نېپالنىڭ گۈرۈچتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىغان مۇھىم زىرائىتى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئاشلىق مىقدارىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىكەن.

   نېپال يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، لېكىن مەملىكەت بويىچە 75 ناھىيەسىنىڭ 38 ناھىيەسىدە ئاشلىق كەمچىل بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. نېپال ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئىمپورت مىقدارى %15 تىن ئاشماقتا. 

   ئىگىلىنىشىچە، لۇڭپىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىسى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۈچ يىللىق نېپالغا يېزا ئىگىلىك تۈرى بويىچە ياردەم بېرىشنى باشلاپ، شالغۇت شال ۋە كۆممىقوناق يېتىشتۈرۈش ۋە تېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىگە ئېرىشكەن. لۇڭپىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى سەي جۇۋدەن مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى تەربىيلەش ئارقىلىق، شۇ جايدا يېزا ئىگىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەربىيلەپ، نېپالنىڭ شالغۇت كۆممىقوناق تېرىش تېخنىكا تەتقىقاتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە سەۋىيەسىنى كېڭەيتىش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى