يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا سۇسىزلىنىش، زىيادە چارچاش، روھىي جىددىيلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاۋانىڭ نەملىكى يۇقىرى بولغاندا تەرنىڭ نورمال پارغا ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بەدەننىڭ تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بىر ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەندە چوڭ مېڭە ۋە باشقا مۇھىم ئەزالار زەخمىگە ئۇچراپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قانداق قىلغاندا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش، شۇنداقلا تۇز ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ياغسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە كالتسـىـي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، شۇنداقلا يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش؛ سىرتقا چىققاندا چوقۇم يېنىك ھەم نېپىز، ئازادە ۋە سۇس رەڭلىك كىيىم-كېچەكلەرنى تاللاپ كىيىش، كۈن نۇرىدا كۆيۈپ كەتمەسلىككە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، كەپكە، شىلەپە ۋە قارا كۆزئەينەك تاقاپ، ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى سۈرۈش؛ سىرتقا چىققاندا ئاپتاپقا بىۋاسىتە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ھەرىكەت قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، سالقىن جايغا بېرىپ دەم ئېلىش؛ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئېلىۋېلىش كېرەك.