تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ۋاڭ سۇلى: چارۋىچىلارنىڭ ‹‹ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى››

مۇخبىرىمىز لى ياڭ

   ئۇ چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى 30 نەچچە يىل كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدى؛ ئۇ 30 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق قازاق چارۋىچىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ داۋالىغان، 2200 دىن ئارتۇق بوۋاققا كىندىك ئانا بولغاچقا، ‹‹ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى›› ۋە ‹‹كىندىك ئانا›› دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشتى. ئۇ ساۋەن ناھىيەسى بورتۇڭگى يېزىسىدىكى بىر ئاددىي كەنت دوختۇرى  ۋاڭ سۇلى ئىدى.

   يېقىندا، مەن ۋاڭ سۇلىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى بورتۇڭگى يېزىسى كىنئاغىن كەنتىدىكى داۋالاش ئورنىغا كەلدىم. مەن ۋاڭ سۇلى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ راۋان قازاق تىلىدا چارۋىچى رەھىمبېككە قان بېسىم دورىسىنى ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلاۋاتقان ئىكەن. ۋاڭ سۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ %90 ى قازاقلار، مەن كېسەللەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىپ، كېسەل كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قازاق تىلىنى ئۆگەندىم.

   چۆلئاغاش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاداق ھەمىشە نەچچە كىلومېتىر يولنى موتوسىكلىتلىق بېسىپ كېلىپ، ۋاڭ سۇلىغا كېسەل كۆرسىتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋاڭ دوختۇرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىغا گەپ كەتمەيدۇ. مەيلى ياشانغانلار ياكى بالىلار بولسۇن، كېسەل بولۇپ قالساقلا ئۇنى ئىزدەيمىز.

   بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ۋاڭ سۇلى ساۋەن ناھىيەسى بورتۇڭگى يېزىسىنىڭ ئەسلىدىكى 3 – ئەترىتى (ھازىرقى كىنئاغىن كەنتى)دە تۇغۇلغان، بۇ يەر تاغلىق رايونغا جايلاشقان، قاتنىشى قولايسىز بولغاچقا، شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىشى ئىزچىل قىيىن بولۇپ كەلگەنىدى. 1983 – يىلى، 20 ياشلىق ۋاڭ سۇلى ئۆز خىراجىتى بىلەن چۆچەك شەھىرىگە بېرىپ، بىر يېرىم يىللىق ‹‹يالاڭئاياغ›› دوختۇرلاركۇرسىغا قاتنىشىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە پىراكتىكا ئارقىلىق تەربىيەلىنىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا يېزا دوختۇرىلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 1987 – يىلى، ۋاڭ سۇلى 3 – ئەترەتتە شىپاخانا ئاچتى، بۇ، ئەترەتتىكى چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، قوشنا ئەترەتتىكى چارۋىچىلارمۇ ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ سۇلىنىڭ شۇ يەردە بارا – بارا نامى چىقىشقا باشلىدى.

   1990– يىلى، ۋاڭ سۇلى بىڭتۈەن 142 – تۈەنىنىڭ خىزمەتچىسى شى لېي بىلەن توي قىلدى، كېيىن ئۇ 142 – تۈەن 6 – يىڭ سەھىيە پونكىتىنىڭ دوختۇرى بولدى. 2004 – يىلى، ۋاڭ سۇلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، بورتۇڭگى يېزىسىغا قايتىپ، كەنت داۋالاش ئورنىنى داۋاملىق ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈەن – مەيداندا خىزمەت شارائىتى ئەۋزەل، لېكىن چارۋىچىلار ماڭا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

   ۋاڭ سۇلى بىر يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا كەنت داۋالاش ئورنىدا كېسەل كۆرىدۇ، قالغان ۋاقىتتا تاغلىق رايونلارغا بېرىپ كېسەل كۆرىدۇ. بورتۇڭگى يېزىسىدا 9000 دىن ئارتۇق چارۋىچى بولۇپ، كۆپىنچىسى تاغلىق رايوندا ئولتۇرىدۇ. چارۋىچىلار ۋاڭ سۇلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاتلىق بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ۋاڭ سۇلى ئات مىنىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، يوتىسىنى يارىلاندۇرۇۋالغانىدى. 1997 – يىلىنىڭ بىر كۈنى، چارۋىچى مۇقتاينىڭ قورسىقى بەك ئاغرىپ كەتتى، ۋاڭ سۇلى كېچىلەپ ئاتلىق يول يۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭغا ئۈچەي توسۇلۇش، دەپ دىياگنوز قويدى. مۇقتاينىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالغانىدى، ۋاڭ سۇلى يەنە مۇقتاينى ساۋەن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاتلىق ئېلىپ كەلدى. مۇقتاي ئوپېراتسىيە كارىۋىتىغا چىقىرىلغاندا، ۋاڭ سۇلى ھېرىپ كەتكەنلىكتىن گەپمۇ قىلالماي قالغانىدى.

   2007– يىلى 5 – ئايدا، چارۋىچى گۈلباقىننىڭ تۇغۇتى توساتتىن قىيىنلىشىپ، كۆپ قان چىقىپ كەتتى، ۋاڭ سۇلى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېزدىن ئاتلىق ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ چاپتى ۋە 30 نەچچە كىلومېتىر تاغ يولىنى ئىككى يېرىم سائەتتە بېسىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. تاغ تىك بولغاچقا، ئۇ ئات بىلەن تىك ياردىن غۇلاپ كەتكىلى قىل قالدى، گۈلباقىن خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ سۇلى تاكى ئانا – بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مۇقىملاشقىچە، ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. ۋاڭ سۇلى كۆپ يىل دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، 100دىن ئارتۇق بوۋاقنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ، سانسىز ئائىلىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

   2013– يىلى، ۋاڭ سۇلى 50 ياشقا كىرگەندە، ئېرى بىلەن شىخەنزە شەھىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلى ئۇنىڭدىن كەنت داۋالاش ئورنىنى تاقاپ، شىخەنزىگە قايتىشنى ئۆتۈندى. لېكىن ۋاڭ سۇلى يۇرتداشلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، داۋالاش ئورنىنى داۋاملىق ئاچتى. 2015 – يىلىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ سۇلىغا سۈت بېزى راكى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋالانغان ۋە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى خېلىلا ياخشىلاندى. 2016 – يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ يەنە بورتۇڭگى يېزىسىغا قايتىپ كەنت داۋالاش ئورنىنى داۋاملىق ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئېرى بىلەن ئوغلى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىشىپ، قەتئىي قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ۋاڭ سۇلى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ: يۇرتداشلار ماڭا موھتاج، مەن چوقۇم قايتىشىم كېرەك، دېدى.

   بورتۇڭگى يېزىسىدا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار چارۋىچىلار كۆپ ئىدى، ۋاڭ سۇلى كېسەل كۆرسىتىشكە پۇلى يوق چارۋىچىلارنى ھەقسىز داۋالىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ۋاڭ سۇلى ئاز ئالغان ياكى كەچۈرۈم قىلغان داۋالاش ھەققى ۋە دورا ھەققى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

   ۋاڭ سۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹كۆپچىلىك ئېھتىياجلىق بولسىلا مەن مەڭگۈ كەنت دوختۇرى بولۇشنى خالايمەن››. بۇ ئۇنىڭ بورتۇڭگى يېزىسىدىكى چارۋىچىلارغا بەرگەن ۋەدىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى