تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو مائارىپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى 2018-يىللىق دۇنيا مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلىقلار يىغىنى (WISE) ئېچىلغان كۈنى جاكارلانغان 2018-يىللىق WISE دۇنيا مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈر مۇكاپاتى ئىچىدىكى «بىر كەنتتە بىر يەسلى بولۇش پىلانى» مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تۇنجى بولۇپ ئېرىشكەن مۇكاپات تۈرى بولۇپ قالغان.

   WISE دۇنيا مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈر مۇكاپاتىنى قاتار مائارىپ، پەن ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات فوندى تارقاتقان بولۇپ، بۇ دۇنيا دائىرىسىدە مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە تەشەببۇس قىلىدىغان خەلقئارا خاراكتېرلىك مۇكاپات . 2009-يىلى بۇ مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنىپ ھازىرغىچە، 150 دۆلەتتىكى 3000 دىن ئارتۇق تۈر مۇكاپات ئېلىشقا قاتناشقان، 60 تۈر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يىللاردىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ تۈرلەر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان.

   «بىر كەنتتە بىر يەسلى بولۇش پىلانى» جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ «تاغلىق كەنت بالىلار باغچىسى پىلانى» دىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «بىر يەسلى» دېگىنىمىز تاغلىق كەنتتىكى بالىلار باغچىسىنى كۆرسىتىدۇ. 2009-يىلى جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى يەرلىك ھۆكۈمەت، ئىئانە قىلغان كارخانا، ئورگان، شەخسىي ۋە غەيرى پايدا ئېلىش تەشكىلاتى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تاغلىق كەنتتىكى بالىلار باغچىلىرىغا كەنت دەرىجىلىك ئورۇن تەسىس قىلىپ، چەت يىراق نامرات كەنتلەردىكى 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەننەرخى تۆۋەن، سۈپەتكە كاپالەت قىلىدىغان ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلىگەن.

   ھازىر، «بىر كەنتتە بىر يەسلى بولۇش پىلانى» ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي، يۈننەن، خۇنەن، سىچۈەن، سەنشى، شىنجاڭ، گۈيجوۋۇ، گەنسۇ ۋە خېبىيدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە رايونىدىكى 21 نامرات ناھىيەنى قاپلاپ، نامرات رايونلاردىكى 170 مىڭ بالىلارغا نەپ يەتكۈزگەن.  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى