تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

   ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

   مۇخبىرىمىز ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، ئاپتونوم رايون يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ مەملىكەتلىك يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. پۇختا، كۈچلۈك خىزمەتلەر ئارقىلىق يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا – كەنتلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش›› تەلىپى بويىچە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردا تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇش – قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشانغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى