تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قوغدايمەن

قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر تۇرسۇن ئەمەت

   مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەر بىر مىللەتنى، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان قىلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، يۈكسىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. مەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسىي ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تەلۋىلەرچە شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بولسا باش نىشانغا يېتىشتىكى توسالغۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرمىساق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقاتمىساق، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ پاسكىنا ئىپلاسلىقلىرىنى تازىلىمىساق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت ھازىرلانمايدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ.

   دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىدە، مەن قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن باشتىن – ئاخىر كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە سەمىمىي، زېرەك ئادەم بولىمەن؛ ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام››غا ئاڭلىق ھالدا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىنتىزام جەھەتتە تەلەپچان ئادەم بولىمەن؛ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولىمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە توغرا تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچۈمنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن؛ يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىنى تېخىمۇ ياخشى روھىي قىياپەت بىلەن نامايان قىلىپ، ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى، نەمۇنىچىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى