تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان ‹‹فېدېراتسىيە گېزىتى››، ‹‹پۇقرالار گېزىتى››دە ‹‹قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى›› سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ،كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

   خەلىپە زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،7– ئاينىڭ 19 – كۈنى، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىدىغان بىرىنچى بېكەت، شۇنداقلا مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى.

   جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا، ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى يىپەك يولى ئارقىلىق باردى –كەلدى قىلىشىپ، ئۆزئارا يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 7 – ئەسىردە، ئىككى تەرەپ يەنە دېڭىز سودا ئالاقە يولىنى ئاچقان، جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى، فارفۇر بۇيۇملىرى ئەرەب يېرىم ئارىلى، شەرقىي ئافرىقا، ياۋروپاغا سېتىلغان، ئەرەبلەرنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە مەرۋايىتلىرىمۇ ھىندى ئوكيان ئارقىلىق كېمە بىلەن جۇڭگوغا توشۇلغان.

   1984– يىلى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر راۋاجلانغان، ئەل ئارا ئالاقە جانلانغان مەزگىل بولدى. جۇڭگو خەلقى 2008 – يىلى جۇڭگو سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان 50 مىليون دوللاردا ئەكس ئەتكەن چىن دوستلۇقنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەت تېز تەرەققىي قىلغان، ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى بېشىدا تەرەققىيات مۆجىزىسى ياراتقان مەزگىل بولدى، ھازىرقى جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەرەققىيات بوستانلىقىغا ئايلاندى. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن مەزگىل بولدى، ئىككى دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا تېز ئاتلىنىش بىلەن بىللە، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىياسەت نىشانى يېقىن كېلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق رىشتىسى بارغانسېرى چىڭىپ، تەرەققىيات، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان سەمىمىي دوستلارغا، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىنى ماسلاشتۇرىدىغان مۇھىم ھەمراھلارغا ئايلاندى.

   2012– يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دېڭىز قولتۇقىدىكى تۇنجى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېز راۋاجلىنىپ، مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى. بولۇپمۇ 2015 – يىلى 12 – ئايدا، ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.

   ــــ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى بىرلەمچى مەھسۇلاتقىچە ئۇزارتىلدى. 2017 – يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى قۇرۇقلۇق نېفىت رايونىنىڭ جەمئىي %12 ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقىنى جۇڭگو كارخانىسىغا بەردى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردە ئېرىشكەن تۇنجى بىرلەمچى مەھسۇلات ھەمكارلىق نورمىسى. 2018 – يىلى 3 – ئايدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەنە ئەبۇزەبى دېڭىز نېفىت رايونىدىكى ئىككى نېفىتلىكنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ %10 ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقىنى جۇڭگو كارخانىسىغا بەردى.

  ــــ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا تارىخىي قەدەم تاشلاندى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىرلىكتە قۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغان خەلىپە پورتىنىڭ 2  –  قارارلىق كونتېينېر پىرىستانى تۈرى 2019 –  يىلىنىڭ 1 –  پەسلىدە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ ئۆلچەملىك كونتېينېرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. خەلىپە پورتىغا يېقىن سانائەت رايونىغا قۇرۇلغان جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ھازىر جەمئىي 16 كارخانا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ماكانلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 6 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولىدۇ.

   ــــ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق پەيدىنپەي گۈللەندى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەمكارلىشىپ قۇرۇۋاتقان دۇبەي 700 مېگاۋاتلىق فوتوتېرماللىق توك چىقىرىش تۈرى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار فوتوتېرمال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ؛ يىپەك يولى فوندىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە سالغان تۇنجى سېلىنمىسى سۈپىتىدە، خاسىيەن پاكىز ئېنېرگىيەلىك كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى پاكىز ئېنېرگىيەلىك كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قالىدۇ.

   ــــ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. 2015 – يىلى 12 – ئايدا، ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرى پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئورنىتىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى ھەم خەلق پۇلى بىلەن چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك ئاپپاراتلارغا مەبلەغ سالغۇچىلار سىناق نۇقتىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىش فوندى 12 تۈرنى، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 70 مىليون دوللارلىق سېلىنما تەدبىرى تۈزۈشنى تاماملىدى.

   ــــ  ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو پۇقرالىرى تۇنجى بېكەت قىلغان، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ قالدى، 2017 – يىلى، جۇڭگودىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 1 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چېگرادىن ئۆتكەن ساياھەتچى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى. 2017 – يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالار جۇڭگوغا بارسا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇئامىلىسىدىن تۇنجى بولۇپ بەھرىمەن بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ‹‹ياش ئەلچىلەر›› تۈرى ھازىرغىچە ئالتە نۆۋەت جۇڭگو سەپىرى پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى 100دىن ئارتۇق سەرخىل ياش جۇڭگوغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زىيارەتتە بولدى.

   يېڭى مۇساپە جەسۇر ۋە كەسكىن يېتەكچىگە موھتاج، يېڭى بۇرچ مەسئۇلىيەتنى قەيسەرلىك بىلەن زىممىگە ئالغۇچىلارغا موھتاج. مەن 2014  –  يىلى ئەرەب دۇنياسىغا يۈزلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۇنياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەش ئورتاق ئىرادىمىز بار. بۇ ھەمكارلىق رامكىسىنىڭ زۆرۈر بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، گەرچە مۇناسىۋىتىمىز تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، يۈكسەك ئىرادىمىز بۇنىڭدىمۇ ئۈستۈن.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش قەدىمكى يىپەك يولىدىن ئىبارەت تارىخ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   مەن ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن:

   ــــ سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ ۋە كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ــــ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە سىياسەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ــــ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئالاقىلىشىش ھەمراھلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان دىن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ئەبۇزەبىدە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، دۇبەينىڭ 2020 – يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.

  ــــ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئالدىن ماڭىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان مىللەت. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ‹‹دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى››، ‹‹2050 ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى››، ‹‹4 – قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىكى ئالتە چوڭ تۈۋرۈك تەسەۋۋۇر››ىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.

   دەۋر ئېقىمى توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە، دۇنيا تەرەققىياتى دائىم ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، دۆلەت ئەھۋالى كۆپ پەرقلەنسىمۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى كۈچلۈك كۈرەش قىلىش روھى، ئىجادچانلىق روھى، ئىنتىلىش روھىغا ئىگە خەلق. مەن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدىم: ‹‹جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن دۇنيادا جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرىدىغان ياخشى ئىشنىڭ يوقلۇقىنى، بەخت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ››. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ‹‹دۆلەت ئاتىسى›› زاھىد زۇڭتۇڭمۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹دۆلەتنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىنى يالغۇز نېفىتلا ئەمەس، يەنە بۇ دۆلەت خەلقىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى››. ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق قوللىغان ۋە قاتناشقاندىلا، جەزمەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يېڭى تارىخىنى يارىتىپ، ئورتاق دۇنيايىمىز، ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.