مۇخبىرلىرىمىز جاڭ شىنجۈن، ياڭ يۈنپېڭلار خەۋىرى، فوتوسى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسى تىيانشان تېغى بىلەن ئالاتاۋ تېغى ئارىسىدىكى جىلغىغا، يەنى بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ،ساياھەتچىلەر يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا بۇ يەرگە كېلىپ سالقىندىغاچ ياز پەيزىنى سۈرەلەيدۇ، بۇ جاينىڭ يازدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃25 ئەتراپىدا بولىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەت ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ باھالاپ چىقىشى ۋە تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ بورتالا دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان. بۇ جاينىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى 3838.75 گېكتار، سۇلۇق يەر نىسبىتى%68.22 كېلىدۇ.
ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي كىلىماتى يېقىشلىق، مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل، كەڭ كەتكەن كۆز يەتكۈسىز يايلاقتا چارۋىچىلارنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ، قارلىق تاغلار، ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.