تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

    مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ، زور تارىخىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى، شۇڭا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى دەل، پۇختا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش  ـــ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش؛ سىياسىي ئۇلنى چىڭىتىپ، جان –  دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە قاتتىق ئەجىر قىلىش، سىجىل كۈچەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدا پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، كادىرلارنى تۈزۈم ئارقىلىق قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشتا، ئالدى بىلەن چوقۇم خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قوشۇننى يېتەكلەش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت، چوڭقۇر تۇتۇپ، نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك – يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ئاساسلىق خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇليەتنى زىممىگە ئېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە شىخەنزە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپىسىدىكىلەر پىكىر ئالماشتۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى