تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق سودا جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى

‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى

   مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: بىز بۇ يىل كەنتىمىزدىكى چىلانلارنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق. ‹‹لۈجياڭ›› مېۋىچىلىكى بۇ قېتىم بىز بىلەن سېتىشنى ھۆددىگە ئېلىش مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالىدى، باھاسىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق. 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسى كەڭكېچىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى جاڭ جيې تېلېفوندا بىزگە شۇنداق دېدى.
 
   جاڭ جيې تۇرۇشلۇق كەنت ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، 3000 مو يەردىكى چىلان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى، لېكىن بۇ ئىككى يىلدا چىلاننىڭ يېرىمى سېتىلمىدى. يېقىندا ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېلىشىپ، جاڭ جيېنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان بولۇپ، ‹‹ئەلى بابا›› ۋە ‹‹جىڭدۇڭ››، ‹‹لولەن مىيۈ›› قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار ھەم تونۇلغان 30 دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى بىلەن تەمىنلەپ، ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.

   بۇ پائالىيەت ئاساسلىقى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ نامرات كەنتلەردىكى بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىرىك تۈرگە ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، مەھسۇلات مۇندەرىجىسى تۈزۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ ياخشى ئاساس سالدى.

   يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› ئىشخانىسى، سودا نازارىتى، يۆلەش –  ئېچىش ئىشخانىسى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز ئالاقىدار نازارەت ۋە ئىدارىنى ماسلاشتۇرۇپ، ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش پائالىيىتى بويىچە ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ۋەزىپە ۋە ئىش تەقسىماتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

   6– ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۈچ ئورۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەشكىللىدى، ئۇلار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 18 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى 62 ئېغىر نامرات كەنتكە بېرىپ، نەق مەيداندا 138 يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەمكارلىق كوپېراتىپى ۋە پىششىقلاش كارخانىسى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم دەسلەپكى قەدەمدە سېتىۋېلىش – سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاقسۇ ‹‹شىيۈ نيۇنيۇ›› ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى قۇرغۇچى نيۇ يەنچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، بىز بەش ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەر بىلەن جەمئىي 12 مىڭ قوي، 130 توننا چامغۇر، 440 توننا ئۆرۈك سېتىۋېلىش – سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، كېيىنكى مەزگىلدە بىز يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئەنجۈر، بارىن ئۆرۈكى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلى ۋە سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن زاكازنى بېكىتىمىز. ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› پائالىيىتى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ئالاقە تورى ئارقىلىق تۈرتكە بولدى.

   بۇ يىل، ‹‹جىڭدۇڭ›› ئەشيا ئوبوروتى نۇرغۇن تەجرىبە ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدا ‹‹پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق ساقلاش زەنجىرى›› ئەشيا ئوبوروت ئەندىزىسىنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› پائالىيىتىگە  قاتناشقان ‹‹جىڭدۇڭ›› ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ رايونىنىڭ باش دىرېكتورى دو يىجې مۇنداق دېدى: ‹‹جىڭدۇڭ›› ئەشيا ئوبوروتى سودا شەھەرچىسى ئارقىلىق كۈچ چىقىرىپ، تاۋار ئوبوروتى ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەپ، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق تاۋار ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تورغا چىقىشىغا ھەمدەم بولۇپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىر ياردەمچىسى ساۋ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنىڭ پىشىش پەسلىگە ئاساسەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىغا ياردەملىشىپ، سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر  ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشىغا سىجىل ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› ئىشخانىسى، سودا نازارىتى، نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت تورى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم ئاساسىي قاتلام ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىت – نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئىشلار بويىچە تەربىيەلەپ، ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى