ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يول، T شەكىللىك يول ۋە غەيرىي يولنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يول قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئازادلىق يولى، يۆجىنگەي كوچىسى قاتارلىق تىيانشان رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يول تورى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تىيانشان رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئالتە ئۈزۈك يول، T شەكىللىك يول ۋە غەيرىي يوللار ئايرىم-ئايرىم يېڭى شەھەر يولى، نىڭشاۋەن كوچىسى، يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي 1-كوچىسى، ياۋۋاڭمياۋ كوچىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇشلاردا يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش تاماملىنىپ، يول قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا قەدەم قويۇلغان.
ئۆز نۆۋىتىدە، بۇ قۇرۇلۇشلار قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان شەھەر دەرىجىلىك ئۈزۈك يول، T شەكىللىك يول قۇرۇلۇشى —— يۆجىنگەي كوچىسىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە تاماملانغاندىن كېيىن، تىيانشان رايونى جەنۇبىي تەۋەلىكىنىڭ يول تورى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللىشىپ، جۇجياڭ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان يولى ۋە ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا، جەنۇبىي شەھەر رايونىدا شەرقتىن غەربكە ماڭغان يۆنىلىشتىكى شەھەر غول لىنىيەسىدىن بىرى كۆپىيىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يىلقى خەلق تۇرمۇشى بويىچە ئون چوڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش مەزمۇنى 50 ئۈزۈك يول، T شەكىللىك يول ۋە غەيرىي يولنى ئۆزگەرتىپ، ئۈلگىلىك رولغا ئىگە 20 كېسىشىش ئېغىزىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.