تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسى ئۆستۈرۈلدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئۆلچىمى تۆۋەن، قولغا تېز تىگىدىغان قەرز پۇل ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى يېڭى سىياسەتتە ساھە چەكلىمىسى قويۇۋېتىلىپ، بارلىق تىجارەت تۈرلىرى ئۆسۈم سىياسىتى دائىرىسى ئىچىگە ئېلىندى، قەرز پۇل سوممىسى ئەرلەرنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن، ئاياللارنىڭ 80 مىڭ يۈەندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەرزنى ئاكتىپ قايتۇرغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى داۋاملىق بېرىلىدۇ، لېكىن قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئۆسۈم سىياسىتى ئىككى يىللىق تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم بولۇپ، يېڭى سىياسەتتە قەرز ئالغان كارخانىلارنىڭ ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئارىسىدا ئالدىنقى ئىككى يىللىقى تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم، ئۈچىنچى يىلىدىكىسى ئۆزى تۆلەيدىغان ئۆسۈم بولىدۇ.

  ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىر جايدا مۇلازىمەت قىلىش، ۋاقىت چېكى ئىچىدە بېجىرىش ۋە ۋەدە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەت فوندىغا 130 مىليون يۈەن يىغىلىپ، 51 مىڭ كىشىگە قەرز پۇل تارقىتىلدى، قەرز پۇل سوممىسى 1 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، 98 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى