تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشتە پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىش نىسبىتى يولغا قويىلىدۇ

    خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېلەت مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا «خەلق ئاۋىياتسىيەسى بېلەت مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان، خەلق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، OTA سۇپىسى (تورلاشقان ساياھەت كوپىراتىپى سۇپىسى) ۋە ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

   «ئۇقتۇرۇش»تا بەش جەھەتتىن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قېلىپلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشتە «پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىش نىسبىتى»نى تۈزۈش ئالاھىدە تەلەپ قىلىندى، ئوخشىمىغان بېلەت باھا سەۋىيەسى بىلەن ۋاقىت نۇقتىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق بولغان پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى بىردەك قايتۇرۇشقا، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىغا ئاددىيلا بەلگىلىمە چىقارماسلىقى كېرەك.

   «ئۇقتۇرۇش»تا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى باھانى ئېنىق يېزىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، تور بېكەت، APP قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ۋاقتىدا، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان مەملىكەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يولۇچىلار كىرا ھەققى تۈرى، سەۋىيەسى ھەمدە قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەدبىقلاش شەرتىنى ئېلان قىلىش كېرەك، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋېلىش جەريانىدا، يولۇچىلارغا قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق شەرتلەرنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى