تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

«ئالۋاستىلار مېھمانسارىيى 3» ناملىق فىلىم شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس ئانژېلېس، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى: 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن «ئالۋاستىلار مېھمانسارىيى 3» ناملىق فىلىم شۇ ناملىق يۈرۈشلۈك  فىلىمنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى بولۇپ، بۇ فىلىم شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ بۆلۈمدە قانخور دىراكۇلا بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ھەشەمەتلىك پاراخوتتا ئارام ئالىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا ساھىبجامال كاپىتانغا مەھلىيا بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ. بۇ يۈرۈشلۈك كارتون فىلىمگە گېندى تارتاكوۋسكى رېژىسسورلۇق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2012-يىلى قويۇلغان «ئالۋاستىلار مېھمانسارىيى» ۋە 2015-يىلى قويۇلغان «ئالۋاستىلار مېھمانسارىيى 2» مۇ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئىككى فىلىمنىڭ دۇنيا بويىچە بېلەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  يازلىق تەتىلگە چىققان بالىلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە بۇ بۆلۈم «ئالۋاستىلار مېھمانسارىيى» فىلىمى يازلىق تەتىلدە قويۇلغان، بۇ فىلىمنىڭ دۇنيا بويىچە بېلەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى