تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، يول قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە شەرقتىن غەربكە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. قاتناش ساقچىلىرى غەربتىن شەرقكە يۆنىلىشتە مەدەنىيەت سارىيىدىن ئۆتىدىغان شوپۇر دوستلارنى ئالدىن پىلانلاپ ئايلىنىپ يول يۈرۈشكە ئەسكەرتتى.

   مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت سارىيى يولىدىكى پار تۇرۇبىلىرىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى تەسىرىدە، 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ مەدەنىيەت سارىيى يولى جەنۇبىي قوشۇمچە يولىنىڭ يېرىمىدا يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنغان. قاتناش ساقچى تارماقلىرى يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرىدە قاتناشنى چەكلىگەن ۋە تارقاقلاشتۇرغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى دوستلۇق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى لى شياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت سارىيى يولى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما شەرق-غەرب ئىككى ئۇچىنىڭ بىرىدە باغچا شىمالىي كوچىسى، يەنە بىر تەرىپىدە ياڭزىجياڭ يولى بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەت سارىيى يولىنى بۇ ئىككى يولنىڭ تۇتاشتۇرغۇچىسى، دېيىشكە بولىدۇ. مەدەنىيەت سارىيى يولى قوش يۆنىلىشتىكى ئىككى ئاپتوموبىل يولى بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشتا غەربتىن شەرقكە يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولى ئىگىلىۋېلىندى. شۇڭا قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بۇ يول شەرقتىن غەربكە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە 20 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى