تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 16–كۈنى، يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، تىيانشان باغرىدىكى قاراغانتى يايلىقىغا جايلاشقان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسى ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. شۇ كۈنى، 2018–يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تۇلپار بايرىمى دېيىلدى) بۇ يەردە باشلاندى.

   كۆرۈش سۇپىسىدىكى تاماشىبىنلار ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، دۇمباق ئاۋازى، شوخ ناخشا ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى. مىللىي ئۆرپ–ئادەت بېزەك ھارۋىسى، قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش ئۆرپ – ئادەتلىرى، ئارغىماق چاسا ئەترىتى، قىز قۇۋار، ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ تەڭگە ئېلىش، داڭلىق ئاتلارنى كۆرەك قىلىش، ئات ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، يىراقتىكى يايلاقتا تۈمەنلىگەن تۇلپارنىڭ ئەركىن چېپىشى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى... ‹‹ئات ۋە يېڭى دەۋر›› باش تېمىسىدىكى بۇ نۆۋەتلىك تۇلپار بايرىمىدا موڭغۇلكۈرەنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك ھاياتىي كۈچى، قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە تۇلپار مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى.

   شېنجېندىن كەلگەن ساياھەتچى شى لەنپىڭ: ‹‹مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن موڭغۇلكۈرەگە كەلگەن، بۈگۈن تۇلپار بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئات بەيگىسىنى كۆردۈم، بىپايان يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدىم، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن مەنىلىك بولدى›› دېدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزى شۇ كۈندىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

   بىر ئاي بۇرۇنلا ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى قىلىپ كەلگەن چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى چېن جيەنخۇا يايلاقتىكى تۈمەنلىگەن تۇلپارنىڭ ئەركىن چېپىشىپ يۈرگەن مەنزىرىسىنى توختىماي سۈرەتكە تارتتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹موڭغۇلكۈرەنىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، بىپايان يايلاق مەنزىرىسى، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، 620 مىڭ مو قىچا، 50 مىڭ مو رەيھان پورەكلەپ ئېچىلىپتۇ. مەن بۇ يەردە يەنە بىر ئاي تۇرۇپ، كۆپرەك سۈرەت تارتىپ قايتماقچى›› دېدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى تۇلپار بايرىمى 7–ئاينىڭ 16–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بايرام مەزگىلىدە ئات بەيگىسى، ‹‹ئات ۋە يېڭى دەۋر›› باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات–سەنئەت كۆرىكى، موڭغۇلكۈرەنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى يەرمەنكىسى، ‹‹گۈل دېڭىزىدىن ۋېلىسىپىتلىك كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل موڭغۇلكۈرەدىن بەھرىلىنىش›› تېمىسىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، ‹‹شادلىققا چۆمگەن تۇلپار ماكانى›› تېمىسىدىكى ئات ماھارىتى كۆرىكى، ‹‹ئات بىلەن ئۇچرىشىش›› تېمىسىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئات ئويۇنى يازلىق لاگېرى، ‹‹يېشىل دېڭىز، ئاپئاق بۇلۇتلاردىن ئۆتۈپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى موڭغۇلكۈرەدىن بەھرىلىنىش›› تېمىسىدىكى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى دېھقان–چارۋىچىلار ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېسىل تۇلپار مەدەنىيەت ساياھەت بەزمىسىنى تەقدىم قىلىدىكەن. 

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئۇدا 26 يىل تۇلپار بايرىمى ئۆتكۈزگەن، بۇ بايرام 2013–يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك چوڭ ساياھەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر موڭغۇلكۈرە تۇلپار بايرىمى مەملىكەت بويىچە، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئات ئويۇنى ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سەرخىل مەنزىرە رايون قۇرۇلۇشى بىلەن ساياھەت–مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۆزئارا بىرىكىپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، كۆپ خىل ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ‹‹يىلقىچىلار ناخشىسى ياڭرىغان موڭغۇلكۈرە، تۇلپار ماكانى موڭغۇلكۈرە›› ماركىسى ئاپتونوم رايون ئىچى–سىرتىدا شۆھرەت قازاندى.

    شۇ كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، باشلىنىش مۇراسىمىغا 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى قاتناشتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 1 مىليون 780 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالغان، ساياھەت كىرىمى 549 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھەر ئىككى تۈردە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.1 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى