تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرىمەن

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت يېتەكچىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ كۈن

   مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان پارتىيەلىك خۇيزۇ كادىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببىتىم بار. مەن ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولغان ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش جەريانىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىم، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىم، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن.

   تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاقتىن بۇيان كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بىر قىسىم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەپت–بەشىرىسى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولدى، تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئاستىرتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز–بۇرۇن يالاشتى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولىدۇر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەڭ زور خەۋپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى توسالغۇ. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ، ئۇلارنى ئۈزۈل–كېسىل پاكىز يوقىتىپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى پاكىز قېزىپ چىقىپ، تولۇق يوقاتقاندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش  ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ. مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن–ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ھەقىقىي ھالدا ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ زور ئومۇملۇق، ئەڭ مۇھىم ئىنتىزام قىلىمەن. قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ئۆزگەرتىدىغان جىنايى قىلمىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىمەن، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن چەك–چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشتىن–ئاخىر قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرىمەن، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تونۇشۇمنى بىردەك، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك، پوزىتسىيەمنى قەتئىي، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشقا قەتئىي كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى