تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

 ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 17–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلىپ، 7–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە–ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پەن–تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن–تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن–ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، پەن–تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن–تېخنىكا بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى سەرخىللاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. پەن–تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ‹‹قوش تۈرتكە بولۇش›› ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن–تېخنىكىنى باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، پەن–تېخنىكىنى باھالاش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە–مېخانىزم ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ياخشى تۈزۈلمە – مېخانىزم تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ‹‹ئۈرۈمچى–سانجى–شىخەنزە›› دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنىڭ كەسىپ ۋە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردە پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ‹‹بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇش›› خىزمەت مېخانىزمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم–كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
                     

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى