تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تورى ئاپتونوم رايونىمىزنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈن يىللىق سۇغۇرتا دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى

ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، ۋېي خۇڭپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلاردا بىر-بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى سىجىل ئاشقان.

   6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇتتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 38 مىليون 294 مىڭ 600 (قېتىم)گە يېتىپ، 2017–يىلىدىكىدىن 1 مىليون 240 مىڭ (قېتىم)ى ئېشىپ، ھەر خىل سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈن يىللىق سۇغۇرتا دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسى مۇدەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  2018–يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامرات ئاھالىلەر ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلەر توپىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەتىياز پەسىللىك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامراتلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، تىرىشىپ نامراتلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلىرى سوغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ. ھازىر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا نامرات ئاھالىلەرگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىش نىسبىتى %100 كە يەتتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان نامراتلارنىڭ ئۇچۇرىنى مەخسۇس تور ئارقىلىق ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىغىچە يوللاپ، ئۆيمۇئۆي، ھەر بىر ئادەمگىچە ئېنىقلاپ، باشقۇرۇش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، دائىرىسىنى دەل جايىدا كېڭەيتىمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7–ئاينىڭ 16–كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى نامرات ئاھالە ئىچىدىكى كارتا تارقىتىش شەرتىنى ھازىرلىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىش نىسبىتى %99.97كە، كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %100كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرىكىتى قولايسىز بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلالمىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ۋاقىتلىق كارتىدىن 492 سى تارقىتىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن كارتا بولۇش نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ‹‹بىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىككىنى ئۆستۈرۈش، بىرنى تۆۋەنلىتىش›› داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى مايىللىشىپ ياردەم بېرىش سىياسىتى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، نامراتلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلۈش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەنلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلىنى ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسەتكەنلەر 1 مىليون 958 مىڭ (قېتىم)غا، خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، فوندتىن 870 مىليون يۈەن چىقىم قىلىنغان.

   ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، باشقا جايدا داۋالانغان تېخىمۇ كۆپ كېسەللەر ‹‹ئاز قاتراش››تەك قولاي شارائىتتىن بەھرىمەن بولدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىچكىرى جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ۋە سىرتتىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا جايدا داۋالىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردىمى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى خىراجىتى قاتارلىقلارنى دوختۇرخانىدىلا راسچوت قىلدۇرالايدىغان بولدى. 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىدا رويىخەتكە ئېلىنغانلار 72مىڭ 948 ئادەمگە، باشقا ئۆلكىلەردىن ئاپتونوم رايونىمىزدا رويىخەتكە ئالدۇرغانلار 28مىڭ 876 ئادەمگە يەتتى، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلغانلار 9373 (قېتىم)كە، خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 183 مىليون يۈەنگە يېتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 136 مىليون يۈەن چىقىم قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى