تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

‏2018-يىللىق خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتى باشلاندى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. «2018-يىللىق خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چىڭخۇا داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە جۇڭگو، ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 31 دۆلەتتىن بولۇپ جەمئىي 900 غا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى قاتنىشىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ جىچۇن لەۋھە بەردى ھەم يازلىق لاگېر پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ كەن سۆز قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  يازلىق لاگېر پائالىيىتى مەزگىلىدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، جۇڭگو-چەت ئەل ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، باش تېمىلىق پائالىيەت، مەدەنىيەت ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى ۋە مودا ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى شەھەر مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. تيەنئەنمېن، سەددىچىن سېپىلى، گۇگۇڭ سارىيى، تيەنتەن، يىخېيۈەن باغچىسى قاتارلىقلارنى ساياھەت قىلىش، چاڭئەن كوچىسىنى، مەركىزىي سودا كوچىسىنى كېچىدە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭنىڭ ئۆزگىچە تارىخىي قىياپىتى ۋە زامانىۋى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىدۇ.

  خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتى 2011-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 49 دۆلەتتىن بولۇپ 6300 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنى جەلپ قىلغان. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتى بېيجىڭ مائارىپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپا، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە بېيجىڭنىڭ باشقا جايلار بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مەدەنىيەت كارتىسىغا ئايلاندى.

دىڭ بومىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى