تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئۇ غەمخورلۇقىڭىزغا موھتاجمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    ئېرشات كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ چوڭ بولغاچقا، مېھىر-مۇھەببەتكە كۆپ ئېرىشەلمىگەنىدى. ئەمما قىز دوستى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. توي قىلغاندىن كېيىن ئايالى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەيدىغان بولدى.

   ئۇ باشقا بىرىنىڭ بۇنداق ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ باقمىغاچقا، ئايالىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىدى، ئايالى كۆيۈمچان، مۇلايىم بولغاچقا تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك ئۆتەتتى.ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆزىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بىر ئاز ئىچى سىقىلىدىغان ھەتتا بىزار بولىدىغان بولۇپ قالدى.

   ئۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئايالى ئۇنىڭ ئىستاكانىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىلا لىقلاپ قوياتتى. ئۇ ئازراق ھۆتىلىپ قالغۇدەك بولسا، ئايالى دەرھال دورا تەييارلاپ، ئۇنى دورا ئىچىشقا زورلايتتى.ئايالى بەزىدە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئۇنىڭغا زورلايتتى، ئۇنىڭغا ئۆزى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان پاسوندىكى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرەتتى ھەم بۇ كىيىملەرنى ئۇنىڭغا بەك يارىشىدۇ، دەپ تۇرۇۋالاتتى.

   ئايالىنىڭ زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشى، كىرىشىۋېلىشى ئۇنى بىئارام قىلدى، ئۇ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان بىرىگە موھتاج بولسىمۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ئۇنى بالىسى قاتارىدا كۆرۈشىنى قوبۇل قىلالمىدى.

   پسىخىكىدا «غەمخورلۇقنى مەجبۇرلاش كېسىلى» دەيدىغان ئۇقۇم بولۇپ، كىشىنىڭ بىلىپ-بىلمەي باشقىلارغا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولمىغان ياردەملەرنى بېرىش ئارقىلىق، باشقىلارنى ئۆز ئالدىغا مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇ بۇ نەتىجىدىن، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تايىنىشىدىن مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ.

   ئەتراپىمىزدا بەزى ئاياللار مۇھەببەت نامىدا جورىسىغا ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىدۇ ھەتتا مەجبۇرىي كونترول قىلماقچى بولىدۇ، مەيلى قارشى تەرەپ ئېھتىياجلىق بولسۇن-بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   جورىسىغا ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۆز قىزىقىشىنى ئۇنىڭغا تاڭىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزى سىزغان رامكىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئەمما بۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، بارا-بارا جورىسىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدۇ.

   شۇڭا جورىڭىزغا ئاتا قىلغانلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، دېسىڭىز، ئاۋۋال جورىڭىزنىڭ شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى، بېغىشلىغانلىرىڭىزنى ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىپ بېقىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى