شىنخۇا تورى خەۋىرى. خېبېي ئۆلكىسى شېنجوۋ شەھىرى ۋاڭجياجىڭ بازىرىنىڭ شىخاۋكې كەنتىدىكى 65 ياشلىق شاڭ چۇنلىن ئۇزاق يىللىق تەتقىق قىلىش، قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، «ئۆي جاھازلىرى دەرىخى» نى ئوڭۇشلۇق ئۆستۈردى. «ئېكولوگىيەلىك ئورۇندۇق» نى مېسالغا ئالساق، شاڭ چۇنلىن بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ، تۆت تۈپ قارىياغاچ كۆچىتىنى ئورۇندۇقنىڭ تۆت پۇتى قىلىپ ئۆستۈردى، ئاندىن بەلگىلىك نىسبەتتە شاخلارنى بىر-بىرىگە يۆگەشتۈرۈپ، تۇتقۇچ، يۆلەنچۈك قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قارىياغاچ كۆچىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، «ئېكولوگىيەلىك ئورۇندۇق» نىڭ «پۇتلىرى»، «تۇتقۇچى»، «يۆلەنچۈكى» بىللە ئۆسۈپ، 4-5 يىلدا مۇكەممەل بولۇپ يېتىلىدىكەن. پوستىنى ئېلىۋېتىش، قۇرۇتۇش، سىلىقلاش، رەڭ بېرىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، «ئېكولوگىيەلىك ئورۇندۇق» ئاندىن پۈتۈپ چىقىدىكەن. ھازىرغىچە شاڭ چۇنلىن ئورۇندۇق، كارىۋات، ئۈستەل قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۆي جاھازىلىرى دەرىخى» ساياھەتچىلەر، سودىگەرلەر ۋە يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى