تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قەرز ئېلىش كەسىپىنى چەكلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانى ئېشىپ، قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى تۆۋەنلەپ، قەرز پۇل مۇددىتى كېڭەيتىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان، ھازىر قەرز قايتۇرۇشقا ئاكتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ياخشى بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى داۋاملىق بېرىلىدىكەن، لېكىن جۇغلانما قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم ئىلتىماس قىلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە قارىتا قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قەرز پۇل رەسمىيىتى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، قەرز بېرىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن.

  قەرز ئېلىش كەسىپىنى چەكلەش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان كەسىپلەر «ۋېيلى» تۈر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك بولۇپ، يەنى باشقۇرۇش كومىتېتى (كوچا، يېزا-بازار)، ئاھالىلەر كومىتېتى (كەنت) باشقۇرۇش دائىرىسىدە سودا ئىشلىرى، يېمەك-ئىچمەك، رېمونتچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىدىغان تىجارەت تۈرلىرى، مەسىلەن، ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، رېمونت قىلىش، خەت بېسىش نۇسخىلاش، چاچ ياساش قاتارلىقلار؛ ئىگىلىنىشىچە، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەسىپلەر چەكلىمىسى بىكار قىلىنىپ، بارلىق تىجارەت تۈرلىرى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ، ياردەم ئۆسۈم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. شەخىسلەرگە بېرىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسى ئادەتتە 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  قەرز پۇل مۇددىتى ئۈچ يىلغىچە ئۇزارتىلىدۇ. ئىلگىرى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىككى يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق سومما بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، ھازىر قەرز مۇددىتى ئۇزارتىلىپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئاشمايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئىككى يىلدا تولۇق سومما بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۈچىنچى يىلى ئۆسۈمنى ئۆزى تۆلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى