تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرىدىكى كارخانىلار قەشقەرنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە مېھىر-شەپقەت ‏يەتكۈزدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ دۆڭئېرىق كەنت كومىتېتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ دۆڭئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى جۇ دىچياڭ كەنت ئاھالىلىرىگە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى تارقاتتى.

  يېقىندا، جۇ دىچياڭ جۇڭگو ئېكسپورت كىرېدىت سۇغۇرتا شىركىتى خۇجوۋ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چيۇڭ بىلەن كەنتتىكى نامراتلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، ۋاڭ چيۇڭ كەنت ئاھالىسىگە كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋاڭ چيۇڭ ۋە خۇجوۋ شەھەرلىك كىيىم-كېچەك سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۆجيەننىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، خۇجوۋ شەھەرلىك كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرى جەمئىيىتىدىكى ئون نەچچە كارخانا بىلەن جۇڭگو ئېكسپورت كىرېدىت سۇغۇرتا شىركىتى خۇجۇ ئىش باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى ئۆزلۈكىدىن نەچچە مىڭ كىيىم ئىئانە قىلىپ، دۆڭئېرىق كەنتىگە ئەۋەتتى.

  كەنت ئاھالىسى خۇجوۋ شەھىرىدىكى كارخانىچىلارغا رەھمەت ئېيتتى، كەنت ئاھالىسى ئاتىگۈل ئىسمايىل: «ئۇلار بىلەن تونۇشمىساقمۇ، ئەمما ئۇلار كۆڭلىدە بىزنى ئويلاپ تۇردى. مەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى