تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو كوماندىسى 59-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇخارېست، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى: 59-نۆۋەتلىك ماتېماتىكا خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى رۇمىنىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كىلۇج-ناپوكادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسى تۆت ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ئېلىپ، كوللېكتىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  رۇمىنىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 110 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 600 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئايرىم ھالدا چېمپىيون ۋە ئىككىنچى بولغان. ساھىبخان دۆلەت رۇمىنىيە بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىپ، فىرانسىيە بىلەن ئوخشاش 33-ئورۇندا تۇرغان.

  جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى چۈ جېنخۇا مۇئەللىم تونۇشتۇرۇپ: «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە بولۇپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى تۇراقلىق بولدى، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن تۆت ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدالدىن ھەممىمىز رازى بولدۇق» دېدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1959-يىلى رۇمىنىيەنىڭ بىراسوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەربىر دۆلەت ۋە رايون ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان كوماندىنى ئەۋەتسە بولىدىكەن، بۇلتۇر بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى