گۇاڭجۇ گېزىتى خەۋىرى: تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىنىڭ 2-كۈنى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ماھىرى گۇڭ لىجياۋ ئاياللار چويۇن توپ تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ئېلىمىز كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئاخىرىدا 81 نومۇر ئالدى. ئامېرىكا كوماندىسى كوللېكتىپ بويىچە چېمپىيون بولدى.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى، شيې جېنيې ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ۋاڭ يۈ ئەرلەر ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە، سۇ شىنيۆ ئاياللار دىسكا ئېتىش تۈرىدە 2-لىككە ئېرىشتى، لۈ خۇيخۇي ئاياللار نەيزە ئېتىش تۈرىدە 3-لىككە ئېرىشتى، ئېلىمىز ئاياللار كوماندىسىدىن 4×100 غا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە لياڭ شياۋجىڭ، ۋېي يۇڭلى، گې مەنچى، يۈەن چىچىلار قاتنىشىپ، 42.94 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە 3-لىككە ئېرىشتى.