تورىمىز خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، « يىپەك يولىغا قايتىش——2018-يىللىق خېنەنلىك داڭلىق ھۆسنخەت ئۇستازلىرىنىڭ شىنجاڭ ئەسەر كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچى شەھىرى كوئېنلۇن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە خېنەن ھازىرقى زامان داڭلىق ھۆسنخەت رەسىم ئۇستازلىرى جاڭ جيەنفېڭ ، ياڭ جيې، ماۋ خوڭيەن قاتارلىق 60 دىن ئارتۇق رەسسامنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
خېنەن ئۆلكىلىك گۈزەل-سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە خېنەن ھازىرقى زامان داڭلىق خەتتات ۋە رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭدا مەركەزلىك نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خېنەن بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت–سەنئەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرغان ۋە كېڭەيتكەن.