تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەندە ئىلتىماس قىلغۇچى ‏سالاھىيەت ئىسپاتىنى نۇسخىلىمىسىمۇ بولىدۇ

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ، شىنجاڭدا ئامما تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەندە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى نۇسخىلىمىسىمۇ، ئۆزى جەدۋەل تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى، قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىسپات، ماتېرىياللىرىنى تورلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، تەدرىجىي تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ج خ قاتناش باشقۇرۇشى بويىچە «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھوقۇقنى چۈشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تاراتقۇلار خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھوقۇقنى چۈشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىدىكى 20 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى ئېلان قىلدى، نۇسخىلاشنى بىكار قىلىش، جەدۋەل تولدۇرۇشنى بىكار قىلىش، ھەقسىز نۇسخىلاش ۋە تاپشۇرۇشنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىلتىماس قىلىنغان ماتېرىياللارنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرى 20 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسلىدىكى نۇسخىلانغان سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆزنەكتىكى خىزمەتچىلەر كىملىك تونۇش ئەسۋابىدا ئاپتوماتىك تونۇتۇپ، سىكاننېرلاپ، ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ساقلاپ قالىدىكەن؛ ئالاقىدار ئەسۋابلار يوق بولسا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ھەقسىز نۇسخىلايدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچى تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسلىدىكى قەغەز جەدۋەلنى كۆزنەكتىكى خىزمەتچىلەر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، نۇسخىلايدىكەن، ئىلتىماس قىلغۇچى پەقەت ئىمزا قويۇپ جەزىملەشتۈرسىلا بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، بىردىنبىرلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كودىنى نۇسخىلاش كېرەك. ئەسلىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزلىرى نۇسخىلاشقا تېگىشلىك بولغان ئاپتوموبىللارنى پەرقلەندۈرۈش كودىنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىقلار ھەقسىز نۇسخىلاپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئەسلىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىسپاتلىرىنى، مەسىلەن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى، قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى، قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى، بىراك قىلىپ يىغىۋېلىش ئىسپاتى، دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناۋسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا قەغەز ئىسپاتلار بىكار قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى