تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«قۇم دېڭىزى»غا ياسالغان يول

قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى ياسىلىۋاتقان قۇملۇق تاشيولىدا خىزمەت قىلماقتا. (7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيول قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە بارغانسېرى كىرىپ بارماقتا ئىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بۇ يېڭى تاشيولدا جاپالىق «كۈرەش» قىلىۋاتاتتى.

    قۇملۇق تاشيولىنى ياساشتا ئالدى بىلەن ئىنتايىن ناچار بولغان مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، قاتتىق سوغۇق، تومۇز ئىسسىق، قۇم-بورانلار ئىشچىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتىگە، ئۇلارنىڭ بۇ جايدىكى تۇرمۇشىغا ھەر ۋاقىت «جەڭ» ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئارقا سەپ تەمىناتى، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار قۇملۇق سىرتىدىن توشۇپ كېلىنىدىغان بولغاچقا، قۇرۇلۇشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۆچمە قۇمنىڭ يول ئۇلىنى كۆمۈۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىشچىلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە يەنە، تاشيولنى بويلاپ «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قومۇش توسىقى»، «قومۇش كاتەكچە»لەرنى ياساش ئارقىلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەيدۇ.

    بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قۇملۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش شىركىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىقلار توغۇرلۇق بىر قاتار قائىدە-تۈزۈملەرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قۇرۇلۇش داۋامىدا شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ چىقاردى.

    چەرچەن ناھىيەسىدىن لوپنۇر ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان بۇ قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 330 كىلومېتىر بولۇپ، بۈگۈر-نىيە قۇملۇق تاشيولىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ-خوتەن قۇملۇق تاشيولىدىن كېيىنكى يەنە بىر تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ قۇملۇق تاشيولى نۆۋەتتە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە 100 كىلومېتىر كىرىپ بولغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى چەرچەن ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپە زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قەدىمدىن تارتىپ قۇملۇق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان جەنۇبى ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر يېڭى يول كۆپىيىدىكەن.

چەرچەن ناھىيەسى بىلەن لوپنۇر ناھىيەسى ئارىسىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان قۇملۇق تاشيولى (7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
ئىشچىلار قۇمۇشتىن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش توسۇقى ياسىماقتا. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)
قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نەق مەيدان. (7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان)

شەنشىدىن كەلگەن فاڭ لۇلۇ GPS سىگنال قوبۇل قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق يول ئۇلىنى ياساش ماشىنىلىرىغا يول باشلىماقتا. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)

بىر ئىشچى بوراندا ئېچىلىپ كەتكەن يول ئۇلى ئوراپ قويۇلغان پوپۇقنى كۈچەپ تارتماقتا. (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)
توپا تۈرتۈش ماشىنىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرسىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇملۇقنى تۈزلىمەكتە. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)

قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى بىر چېدىرنىڭ ئالدىدا ئىشچىلار سالقىدىغاچ ئارام ئالماقتا. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھىرىدىن كەلگەن ليۇ جىبىن سۇ ئىچمەكتە. (7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان)
چوڭ تىپتىكى توپا تۈرتۈش ماشىنىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرسىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇملۇقنى تۈزلىمەكتە. (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)

ئىشچىلار قۇملۇقتا «قومۇش كاتەكچە» ياسىماقتا. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)

ئىشچىلار توپا تۈرتۈش ماشىنىسىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقتا. (7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)

سىچۈەندىن كەلگەن ۋاڭ شىنگو بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان قومۇشلارنى ماشىنىدىن چۈشۈرمەكتە. (7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)

ئىشچىلار چېدىر ئەتراپىدا تاماق قىلماقتا. (7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان)

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشچىلار قۇدۇق بۇرغىلاپ، بىر قىسىم سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقتا. (7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)

خۇ خۇخۇ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى