ماھىرلار قاتتىق يامغۇردا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 7–ئاينىڭ 16–كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ 12–نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 3–بۆلەك مۇسابىقىسىنىڭ قاتتىق يامغۇردا تاماملىنىشى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكىدە كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، تۇرسۇنجان بىرلىك 6 سائەت 10 مىنۇت 5 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن شەخسلەر ئومۇمىي نەتىجىسىدە چېمپىيون بولدى. كوللېكتىپ ماسلىشىش ۋە ۋېلىسىپىت كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بويىچە باھالاشتا، ‹‹سېندىكې شىنيۈەنخۇڭ›› ۋېلىسىپىت كوماندىسى، بىرلەشمە ۋېلىسىپىت كوماندىسى ۋە بورتالا شەھىرى تەنتەربىيە لاتارىيەسى ۋېلىسىپىت كوماندىسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ ئومۇمىي نەتىجە بويىچە 1–، 2– ۋە 3–لىككە ئېرىشتى.