تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېيىنكى يېرىم يىلدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ

    شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كېيىنكى يېرىم يىلدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بوئېئىڭ 787 ۋە 737MAX ئايروپىلان تىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارالاشقان مۇلازىمەت ماركىسى يارىتىدىكەن.

   بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى 56 گە يېتىپ، 37 مىڭ 400 ئايروپىلان (قېتىم) ئۇچۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى. توشۇغان يولۇچى 4 مىليون 198 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا، يۈك توشۇش مىقدارى 27 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %16.2 ۋە %10.2 ئاشتى.

   نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ئايروپورت بىناسىدا «قەغەز بېلەتسىز» ئايروپىلانغا چىقىش يولغا قويۇلدى ھەمدە تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋە ئايرودۇرۇم مۇلازىمىتى تەڭشىلىپ، ئىسلاھ قىلىنىپ، تۈگۈن ۋە ئالمىشىش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى نۇقتىلىق ئەلالاشتۇرۇلدى.

    بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرى تىرانسپورت كۈچىنى 80 ئايروپىلانغا كۆپەيتىپ، بوئېئىڭ 787 ۋە 737-8MAX نىڭ يۈرگۈزۈلۈش كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە غول لىنىيەلىرىگە مۇقىم مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى-شاڭخەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ۋاقتى ۋە نۆۋەت سانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بوئېئىڭ 787 ئەۋزەل ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە داڭلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىدىكى تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، قەشقەر، غۇلجا، كورلىغا قارىتا تۈنەش تىرانسپورت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە گىرەلىشىپ ئۇچۇش، ئايلىنىپ ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا ئايرودۇرۇملارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شەرق لىنىيەسى بازىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇدىن ئىبارەت يادرولۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىن ئىچكى ئۆلكە شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى 22 گە كۆپەيتكەن؛ يېڭىدىن ئۈرۈمچى-لاھۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تەسىس قىلىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى 17 گە ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى