تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتوموبىل، پىراۋا باشقۇرۇش مۇلازىمەتلىرىنى بىر كۆزنەكتىلا بېجىرىش يولغا قويۇلدى

  ماتېرىيال سۈرەت

     تورىمىز خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يوڭجۈن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر تۈرلۈك ئاپتوموبىل ياكى  پىراۋا باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن تۆت كۆزنەككە بېرىشكە توغرا كېلەتتى، ھازىر بىر كۆزنەكتىلا بىجىرگىلى بولىدۇ.

   شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش باشقۇرۇشتا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بويىچە تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈلدى: ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل، پىراۋا باشقۇرۇش كەسىپلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى بىرىكتۈرۈپ سەرخىللاشتۇرۇپ، تور بانكىسى، ئۈندىدار، چىقىمدان قاتارلىقلاردا ھەق تاپشۇرۇش، چىقىم قىلىشنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەسىپ قوبۇل قىلىش، ماتېرىيال تەكشۈرۈش، ھەق تاپشۇرۇش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى تارقىتىش قاتارلىقلارنى «بىر قېتىم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»  ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىىچە، ئاپتوموبىل ۋە پىراۋا باشقۇرۇش كەسىپلىرىنى بېجىرىشنىڭ ئالاھىدە بولۇشى سەۋەبلىك، نۇرغۇن كەسىپلەرنى بېجىرگەندە ، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، ھەق تاپشۇرۇش، گۇۋاھنامە ياساش قاتارلىق ھالقىلارغا بۆلۈشكە، كۆپ قېتىم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كۆپ قېتىم بېجىرىشكە توغرا كېلىدىكەن. ھازىر ئۆچىرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كەسىپ بېجىرىش تەرتىپى ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان، كەسىپ بېجىرگۈچىلەر ماتېرىياللارنى تەييار قىلسىلا بىر كۆزنەكتە بىر قېتىم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بىر قېتىمدىلا بېجىرەلەيدىكەن.

   بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنالى داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، پراۋىنى ئاپتوماتىك تولۇقلاپ بېجىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇرىنى تاللاش، ئۇچۇر ئۆزگەرتىش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر ئاممىغا قولايلىقلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنى توردا پىراۋىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش، ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق نومۇر تاللاش، ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى