ئۆز خەۋىرىمىز: بۇغداي ئورمىسى مەزگىلىدە، باي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان نامرات ئائىلە ۋە «تۆت پېشقەدەم» لەر ئائىلىسىنىڭ بۇغداي يىغىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ھەر بىر دانە گۈرۈچنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.
باي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى باي ناھىيەسى چوڭكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى دېھقان پاتىگۈل ئىمىننىڭ بۇغدايلىق ئېتىزىدا بۇغداي ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سايرام بازىرى شاخمەلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ «يازلىق ھوسۇل، يازلىق تېرىم ۋە يازلىق پەرۋىش» بويىچە تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەمدە ئېتىزدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالىلىرىغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە ياز پەسىلىدىكى بۇغداينىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.