تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بالىلار شىنجاڭ داشۆسىنىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە ‏قاتناشتى

قاغىلىق ناھىيەسى ۋوگزالىدا پويىزغا ئولتۇرۇشنى ساقلاۋاتقان بالىلار

  مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەنشىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈسۇ مىڭياڭ خەۋىرى، فوتوسى. شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا سەيلە قىلىش، تارىخ كارىدورىنى زىيارەت قىلىش، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا كۈچىنى ھېس قىلىش... 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 100 بالا شىنجاڭ داشۆسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت  ئەترىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ داشۆسىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى مۇزېيىدا چۈشەندۈرگۈچى سۆزلىگەن شىنجاڭ داشۆسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئاڭلىغان، تارىخىي ئىزلار قالدۇرۇلغان كونا سۈرەت ۋە كونا بۇيۇملارنى كۆرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارزىگۈل: «مەنمۇ مۇشۇنداق قالتىس ئۇستازلاردىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭ داشۆسىدە ئوقۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى. بالىلار كۇتۇپخانىغا كىرىپ، كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا باشلاپ، تىنچ كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا سىڭىشىپ كەتتى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانىدا خىزمەتچىلەر بالىلارغا زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىنى چۈشەندۈرۈپ، يېڭىدىن تەتقىق قىلىنغان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش»نىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. كىچىك دوست ئادىلجان: «بۇ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ كەنتىمىزدە تېزرەك ئىشلىتىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا ئاتا-ئانام ئۇنچىلىك جاپا تارتمايدۇ» دېدى. شىنجاڭ داشۆسىدىكى خۇڭخۇ كۆلى، تەنتەربىيە سارىيى، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدىمۇ بالىلارنىڭ زىيارەت  ئىزى قالدى.

  شىنجاڭ داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى چاقان مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئارقىلىق، كىچىك دوستلارنىڭ شىنجاڭ داشۆسىنىڭ تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ۋە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا، زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەسىرىنى ھېس قىلىشىغا، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشىغا، <بىلىم ئارقىلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتىش، تىرىشچانلىق ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش> تەك ئۆگىنىش ئەقىدىسىنى كۈچەيتىشىگە، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كېلەچىكىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىغا ياردەم بەرمەكچىمىز».

  قاغىلىق ناھىيەسى تۈگىچى يېزسى قۇمبا كەنتىدىكى تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى قەلبىنۇر خۇشال ھالدا: «دادام 3-ئايدا ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن، شۇ چاغدا مەنمۇ قاچان ئۈرۈمچىگە بارارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئارزۇيۇم تېزلا ئەمەلگە ئاشتى. شىنجاڭ داشۆسىگە رەھمەت، ماڭا داشۆنىڭ مۇھىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشكە ياردەم بەردى، تۇغقانلىرىم ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئاكا-ھەدىلىرىمگە رەھمەت، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ياخشى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بەرگەن مېھرىگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى.

بالىلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى