ئۆز خەۋىرىمىز: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇ، خې چېڭچياڭ خەۋىرى، فوتوسى) شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان قارىغاي جىلغىسى، خارسالا ئاق قېيىنزارلىقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.
بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، تاغلاردا ئېچىلغان قىزىل، سۆسۈن، سېرىق رەڭلىك ياۋا گۈللەر كىشىگە ھەسەن-ھۈسەندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان ئېقىن، كۆپكۆك ئاسمان، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر، رەڭگارەك گۈللەر، توپ-توپ بولۇپ يايلاۋاتقان پادىلار يايلاق مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە كارتىنىسىغا ئايلىنىدۇ.