تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەرلىكنىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن ‹‹قان ئىشلەپ››، تارباغاتاي پۇقرالىرىغا بەخت يارىتىش

ـــ لياۋنىڭ ئۆلكىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كارتىنىلىرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى ۋۇ لىنا (ئوڭدىن 2 – كىشى) 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرىغا داۋالاش، تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى جاڭ جياكۈي (ئوتتۇرىدا) 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، ئاغرىقنى قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلماقتا.
    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش بازىسىدا ۋىراچلىق سالاھىيىتى بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتمەكتە.

    جانارگۈل (سولدا) 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا، دوختۇر جاڭ جىڭ بىلەن خوشلاشماقتا.

    لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى قۇرۇپ بەردى. سۈرەتتە: ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۈەن جېڭگاڭ 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، كېسەلخانىنى تەكشۈرۈشكە ماڭماقتا.

    لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى بىناسى سېلىپ بېرىپ، ئاغرىقلارغا ئازادە داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. (6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى گاۋ يۈەن (ئوتتۇرىدا) 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، يىراقتىن داۋالاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك دوختۇرلارغا دەرس ئۆتمەكتە.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەر بىر دوختۇر تارباغاتايدا تۇرغان چاغدا ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلدى، ئۇلار بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ. سۈرەتتە: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر خۇاڭ يەنلىڭ (سولدا) بىلەن ۋاڭ رۈيجې (ئوڭدا) 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەر بىر دوختۇر تارباغاتايدا تۇرغان چاغدا ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلدى، ئۇلار بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ. سۈرەتتە: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر خۇاڭ يەنلىڭ (سولدا) بىلەن ۋاڭ رۈيجې (ئوڭدا) 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە.

  6– ئاينىڭ 27 – كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىدە، 28 ياشلىق جانارگۈل بېيسىن قۇچىقىدىكى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر ئايدىن ئاشقان ئوغلىغا قاراپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھېلىمۇ ياخشى جاڭ جىڭ دوختۇر بار ئىكەن، بولمىسا بالامنى ساقلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

  جانارگۈلنىڭ بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئۆپكىسى تولۇق يېتىلەلمىگەنىدى، بىر ھەپتە ئىلگىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر جاڭ جىڭ ۋاقتىدا داۋالىغاچقا، ھازىر بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  جاڭ جىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى، 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، جاڭ جىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 مۇتەخەسسىسى بىلەن بىللە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، چۆچەك شەھىرىگە كەلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى گو چۈەنجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق 19 كەسىپ پېنىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى تۆت دوختۇرخانىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، بۆلۈم مۇدىرى ياكى پەن باشلامچىلىرى تاللاپ ئەۋەتىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگو تېببىي داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا مۇتەخەسسىسلەر باشلامچىلىقىدىكى ‹‹داۋالاش گۇرۇپپىسى›› قۇردى. ‹‹داۋالاش گۇرۇپپىسى››نىڭ باشقا ئەزالىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەسلىدىكى دوختۇرلىرى ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ‹‹شاگىرت››لارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۇ ئەندىزە ئارقىلىق تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  جاڭ جىڭنىڭ خىزمەتدىشى ۋۇ لىنا جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئىممۇنىتېت، بىيو خىمىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى. ۋۇ لىنا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كىلىنىكا خىزمىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن بۆلۈمدىكى يولداشلارنى يېتەكلەپ، تۇنجى قېتىم ‹‹تەكشۈرۈش بىلەن كىلىنىكا ئالاقىچىلىرىنىڭ پىكىرلىشىش تۈزۈمى››نى ئورنىتىپ، كىلىنىكىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى؛ ۋۇ لىنا يەنە ما گوچياڭ قاتارلىق ئۈچ تەكشۈرگۈچى كۇرسانتنى يېتەكلەش، تەربىيەلەش بىلەن بىللە، بۆلۈمدىكىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە بارلىق تەكشۈرۈش خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىدى.

  يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو تېببىي داشۆسى باشلامچى بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بازىسى قۇردى، بۇ بازا بۇ يىل 8 – ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى كۇڭ لىڭتاۋ 2016 – يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندە خىزمەتدىشى بىلەن چۆچەك شەھىرىدە تۇنجى روھىي پىسخىكىلىق داۋالاش مەركىزى قۇرغانىدى، بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ خوتۇنى ۋۇ فېڭمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تىزىملاتتى ۋە قاتناشتى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، ‹‹مەكتەپ دوختۇرخانىنى ھۆددە ئېلىش+دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددە ئېلىش›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، جۇڭگو تېببىي داشۆسىگە تايىنىپ، ‹‹جۇڭگو تېببىي داشۆسى تارباغاتاي دوختۇرخانىسى››نى قۇردى، جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارمۇ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىگە ياردەم بەردى. بۇ يىلغا قەدەر، جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلىم – پەن باشلامچىلىرىدىن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 63 كىشى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇنەۋۋەر داۋالاش خادىملىرىمۇ جۇڭگو تېببىي داشۆسىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چاقىرىقىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، 2016 – يىلىدىن باشلاپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ياخشىلاندى، داۋالاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەپ›› شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى مەركەزنىڭ غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىغا ئەڭ يېقىن قۇرۇلۇشقا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى