تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاكىز تازىلايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قەيسەر تۇرسۇن

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ مەنبەسى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمىنى. بىز چوقۇم بۇ بالاخورلارنى، مۇناپىقلارنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك.

   مەن ساقچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇھىتتا چوڭ بولغان. ئىككى ياشقا كىرگەندە خەنزۇ ھەدەم ھالىمدىن خەۋەر ئالغان، ئوقۇۋاتقان چېغىمدىن تارتىپ خىزمەتكە قاتناشقىچە يېنىمدا دائىم نۇرغۇن خەنزۇ دوستلىرىم بار ئىدى، بىزدە تىل توسالغۇسى، مىللەت ئايرىمىسى يوق بولۇپ، خۇشال–خۇرام بىللە ئۆگىنىپ، خىزمەت قىلىپ ۋە ياشاپ كەلدۇق. 2016–يىلىنىڭ بېشىدا، گۈزەل شەرقىي دېڭىز ساھىلى  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى خەيشۇ رايونىغا بىر يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدىم، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىمۇ بولمايدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقاتمىساق شىنجاڭ مەڭگۈ ئەمىن تاپمايدۇ. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشتىن–ئاخىر ئاڭلىق قوغداپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، تىلى بىلەن دىلى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز تازىلايمەن.

   ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تونۇشتا ئايدىڭ، پوزىتسىيەدە ئېنىق، ھەرىكەتتە كەسكىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۈلگە بولۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم–كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە ئىدىيەمنى، تونۇشۇمنى، قەدىمىمنى، ھەرىكىتىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمەن.

   مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەخت–سائادەتلىك بولىدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئەلرايىنى تالىشىدىغان، ئاممىنى تالىشىدىغان، بازا تالىشىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم ساھە، ئىس – تۈتەكسىز مۇھىم جەڭگاھ، كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇملۇقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مەن باشتىن–ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، كۆپ بېرىش–كېلىش قىلىپ، دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن؛ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەۋپ–خەتەردىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم بىلەن كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان پولات قورغان شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكتە ئىناق، تىنچ، خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى