شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېدنىي، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ئىقتىسادىي تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سېدنىيدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاۋسترالىيە-جۇڭگو سودا ساھەسىدىكى زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو دۇنياۋىلىشش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرىدۇ، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى گېئوف رابېينىڭ قارىشىچە، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوغا زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كېلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلىدى». جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى بولسا «ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىناقنىڭ بىرى»، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى، جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋىلىشىشقا تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو يولغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلمەكتە.